Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاسىتە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر مەقسەتكە ئېرىشىش ياكى بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دەستەك بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان نەرسە، قورال؛ ئىش - ھەرىكەت قورالى.
تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى. قاتناش ۋاسىتىلىرى. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى.
تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسىدۇر.
<فىز> بىر خىل ماددا ئىچىدە يەنە بىر خىل ماددا مەۋجۇت بولغاندا، ئالدىنقى ماددا كېيىنكى ماددىنىڭ ۋاسىتىسى بولىدۇ. بەزى دولقۇنلۇق ھەرىكەتلەردە، بۇ دولقۇننى تارقىتىدىغان ماددىلار شۇ دولقۇننىڭ ۋاسىتىسى بولىدۇ.
ئوتتۇرىدا تۇرۇپ پۈتۈشتۈرۈش رولىنى ئويناش.
بىز ساتتار ئاكىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تونوشۇپمۇ قالدۇق.