Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاستىلىك قان كاللەكلىشىشىنى تېزگىنلەش رېئاكسىيىسى
بىئولوگىيە
تەكشۈرۈلمەكچى بولغان ئانتىتېلاغا ئالدى بىلەن ماس ھالدىكى ئانتىگېننى كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاش خىلدىكى ئانتىگېن بىلەن سەزگۈرلەشكەن قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى (يەنى ئانتىگېننى سۈمۈرۈۋالغان قىزىل قان ھۈجەيرىسى) نى كىرگۈزگەندە كېلىپ چىقىدىغان قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسىنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىك ھادىسىسى. ئوخشاشلا، تەكشۈرمەكچى بولغان ئانتىگېنغا ئالدى بىلەن ماس ھالدىكى ئانتىتېلانى كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاش خىلدىكى ئانتىتېلا بىلەن سەزگۈرلەشتۈرۈلگەن قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى كىرگۈزگەندىمۇ قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسى تورمۇزلىنىدۇ. بۇ ۋاستىلىك قان كاللەكلىشىش تەجرىبىسىنىڭ ئالاھىدە خاسلىق خۇسۇسىيىتىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسىنى ئالاھىدە خاسلىقى بولغان ئامىل ياكى تەكشۈرۈش مەقسىتىگە كىرمەيدىغان باشقا بىر ئانتىگېن - ئانتىتېلا رېئاكسىيە سىستېمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئالدىدا كىرگۈزۈلگەن ئانتىگېن ياكى ئانتىتېلا تىزگىنلەش رولىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇسۇل يەنە ئانتىگېن ياكى ئانتىتېلانى مىقدارلىق ئېنىقلاشقىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.