Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاسارى
دۇنيا تارىخى
(1511 - 1574) ئىتالىيىلىك رەسسام. ئارخىتىكتور ۋە سەنئەت تارىخشۇناسى. ئارېززو شەھىرىدە تۇغۇلغان. 13 يېشىدا فلورېنسىيىگە بېرىپ، مىكېلانگېلودىن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. كېيىن ئىتالىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلىپ، سەنئەت ئۇستازلىرىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە مەشھۇر رەسىم، ھەيكەل ۋە قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. <ئىتالىيە ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر تەرجىمىھالى> دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى مەشھۇر رەسسام، نەققاش ۋە بىناكارلىق ئۇستىلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغان. بۇ ئەسەرنى غەرب سەنئەت تارىخىدىكى نادىر ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. <ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى> گە قارالسۇن.