Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاستە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ۋاسىتە؛ ئارقىلىق، سەۋەبلىك، تۈپەيلىدىن؛ چارە، سەۋەب:
قىلىپ زۇھۇر داغى مەندە پەرتەۋى سىدقى،
بۇ ۋاستە بىلە بولدۇم بۇ زۇمرەگە داخىل.
ئابىد.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئارىچى، سالاچى؛ ئۇسۇل، ۋاستە؛ مۇددىئا، سەۋەب.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتنى ھەل قىلىشتا قوللىنىلىدىغان قائىدە _ يوسۇن.
ئاققا قارا يوق، قارىغا چارە. تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار. ھەر تەدبىر ھەممىگە ماس كېلىۋەرمەس. يوققا ئامال يوق. ئامال تاپقاندىن ئەجەل قاچار. قۇرۇتنى يوقىتىشنىڭ ئىلاجى قايناق سۇ. سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختار. دەردكە سەۋەب تېپىلار. تەرتىپنى تەرزى كۆپ بۇزار. ھەر ئىشنىڭ يولى بار. يولىنى بىلسەڭ سۇ ئۆگزىگە چىقار. ۋاستىسى رەزىلىنىڭ مەقسىتى ياخشى بولماس. ئوقۇتۇش مېتودى ناھايتى مۇھىم.