Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاھىرىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
خۇراساندىكى يەرلىك ئىسلام سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىغا ئاساس سالغۇچى تاھىر بىننى ھۈسەيىن (821 - يىلىدىن 822 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ئەسلىي پرسىيىدە قۇللارنى ئازاد قىلغان، جەڭلەردە تۆھپىسى چوڭ بولغانلىقتىن، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەئمۇن تەرىپىدىن 820 - يىلى خۇراساننىڭ ۋالىسى قىلىندى. باغداتنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلار ئۇنىڭغا ئايرىپ بېرىلدى. كېيىن مارۋ (ھازىر تۈركىمەنىستاندىكى مارى) نى مەركەز قىلدى، ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي كۈنسايىن كۈچەيدى. ئوغلى تەرھە (822 - يىلىدىن 828 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) پادىشاھ بولۇۋېلىپ، نىشاپورنى پايتەخت قىلدى. نامدا خەلىپىگە قاراشلىق بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى سۈننىي مەزھىپىگە ئىخلاس قىلدى. راسا گۈللەنگەندە زېمىنىنى ھىندىستان چېگرىسىغىچە كېڭەيتتى. كېيىن سەففارىيە سۇلالىسى تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلدى.