Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاۋار
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
فابرىكىدا يىپەكتىب توقۇلغان ئېسىل رەخت، تاۋار _ تورقا، دۇردۇن.
تاۋار كۆڭلەك.* تاۋار چاپان.* تاۋار يوتقان.* تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار _ تورقا كىيىپ بار ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
( « تاۋارⅠ ») سېتىش، ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات.
تاۋار ئىشلەپچىقىرىش، تاۋار ئىگىلىكى، تاۋار كاپىتالى.* تاۋار ماركىسى.* تاۋار مۇئامىلىسى.* تاۋار ئاشلىق.* تاۋار قىممەت ۋە ئىستېمالدىن ئىبارەت ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىپەكتىن توقولغان ئېسىل رەختلەر.
رەختنىڭ ياخشىسى تاۋار، توننىڭ ياخشىسى جۇۋا. ئون تاۋارتورقىدىن بىر توخلا تېرىسى ئەلا. مايمۇن تاۋار - دۇردۇنغا ئورىنىۋالسىمۇ مايمۇن. كاتان كىيىگەن كالتە پەم بولمىسىيدى ! كىمخاب ئۈستىگە گۈل باسماق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاۋار.
جانلىق ۋە جانسىز ماللار. ئوغۇزلار ۋە باشقىلار بۇ سۆزنى «و - ۋاۋ» بىلەن « تاۋار» دەيدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تاۋار كىمىڭ ئۈكلىسە بەگلىك ئاڭار كەرگەيۈر
تاۋارسىزىن قالىپ بەگ ئەرەنسىزىن ئەمگەيۈر
{ كىمنىڭ مېلى كۆپەيسە، بەگلىك ئاڭا يارىشىدۇ،
بەگ مالسىز قالسا، ئادەمسىزلىكتىن ئەمگىلىدۇ.}
كىمنىڭ مېلى كۆپەيسە، ئۇ باشقىلارغا قارىغاندا ئەلنى ئىدارە قىلىش ئىشىغا لايىقراق بولىدۇ؛ مالسىز قالغان بەگ ئۆز ئەتراپىغا ئادەم يىغالماي قىيلىنىدۇ، چۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭغا مېلىنى دەپ خىزمەت قىلىدۇ.
1 - 469
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاۋار، مال.
1 - 535
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① تاۋار، مال - مۈلۈك؛ ② رەخت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سىياسىي ئىقتىساد
ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان ئەمگەك مەھسۇلاتى.
فابرىكىدا توقۇلغان، تېگى بىلەن گۈللىرىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولغان يىپەك گەزلىمەك؛ رەخت.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
مال - مۈلۈك، تاۋار
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
تاۋارخان، تاۋاخان، تاۋاقىز، تاۋاگۈل
تاۋاردەك چىرايلىق، قىممەتلىك، ئەتىۋارلىق