Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاۋاپ قىلىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھەج قىلغان چاغدىكى قائىدىلەرنىڭ بىرى. مۇسۇلمانلار ئېھرام باغلاپ مەسچىدىل ھەرەمگە كىرگەندىن كېيىن، بەيتۇللانى سولدىن يەتتە قېتىم ئايلىنىدۇ (ئاۋۋال ئۈچ قېتىم ئايلانغىچە تېز ماڭىدۇ، ئاندىن تۆت قېتىم ئايلانغىچە ئاستا ماڭىدۇ) ھەمدە ھەجەرۇل ئەسۋەد (قاراتاش) نى سىلايدۇ، سۆيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇقىرى ئاۋازدا قەسىدە ئوقۇيدۇ.