Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاۋار ئىگىلىكى
دۇنيا تارىخى
ناتۇرال ئىگىلىككە قارىتا ئېيتلغان. ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر خىل ئىگىلىك شەكلى. تاۋار ئىشلەپچىقىرىش، تاۋار ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئەمگەك ئىش تەقسىماتى ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىمىلق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىدىن كېيىن پەيدا بولغان. ئۇنى ئاددىي تاۋار ئىشلەپچىقىرىش، كاپىتالىستىك تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە سوتسىيالىستىك تاۋار ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارغا ئايرىش مۇمكىن. ئاددىي تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ئۇششاق تاۋار ئىشلەپچىقىرىش دەپمۇ ئاتىلىپ، ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە يەككە ئەمگەكنى ئاساس، ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىشلەپچىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ قۇللۇق جەمئىيىتى، فېئوداللىق جەمئىيىتىدىكى تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسىي شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كاپىتالىستىك تاۋار ئىگىلىكى يۈكسەك تەرەققىيات سەۋىيىسىگە يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئىشەلپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە كاپىتالىست ئىگىدارچىلىق قىلىشنى ئاساس، قوشۇمچە قىممەت يارىتىشنى نىشان قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىجتىمائىيلاشقان شارائىتتا تاۋا دائىرىسىنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە كېڭىيىشى، ئەمگەك كۈچىنىڭ تاۋارغا ئايلىنىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. سوتسىيالىستىك تاۋار ئىگىلىك سوتسىيالىستىك ئومۇم مۈلۈكچىلىك ئاساسىغا تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە مەزمۇنى كاپىتالىستىك تاۋار ئىگىلىكى ھەم ئاددىي تاۋار ئىگىلىكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادنىڭ تەكرىبىي قىسمى بولۇپ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ يېتەكچىلىكىدە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئەمما ھەرقانداق تاۋار ئىگىلىك شەكلى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئوبيېكتىپ ئىقتىسادىي قانۇنىيەت، بولۇپمۇ قىممەت قانۇنىيىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.