Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاھماسىپ
دۇنيا تارىخى
(1514 - 1576) ئىران سافى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (1524 - 1576). ئىسمائىل Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلدە خوراسانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئۆزبېكلەرنى چېكىندۈرگەن ۋە ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلغان. 1548 - يىلى پايتەختنى تەبرىزدىن كازۋىنغا يۆتكىگەن. 1555-يىلى، ئىراق بىلەن تۈركىيە يارىشىپ، ئەرمەنىستان ۋە گرۇزىيىنى بۆلۈشۈۋالغان. ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە خاندانلقنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىغانلىقتىن، مەملىكەت ئىچىدە كەينى - كەينىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. ئۆلگەندىن كېيىن، ئىران فېئوداللىرىنىڭ ئىچكى نىزالىرى كەسكىنلىشىپ كەتكەن.