Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇلۇ دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
فىلىپپىندىكى قەدىمكى دۆلەت. سۇلۇ تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان. 14 -ئەسىردىكى جۇڭگو يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ۋاڭ دايۇەننىڭ <ياقا ئاراللارنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى> ناملىق ئەسىرىدە بۇ يەر قەيت قىلىنغان. مەرۋايىتى بىلەن داڭق چىقارغان. 14 - ئەسىردە بۇ ئارال شەرق، غەرب ۋە دۇڭ دەپ ئۈچ پادىشاھلىققا بۆلۈنگەن. 1417 - يىلى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ 15 - يىلى)شەرقىي، غەربىي ۋە دۇڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگوا زىيارەتتە بولغان. شەرق پادىشاھى بادوغا بادالا مەملىكىتىگە قايتىش ۋاقتىدا دېجۇدا ۋاپات بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى ھۈرمەت بىلەن دەپنە قىلغان. 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى بۇ يەرگە ئىسلام دىنى تارقىلىپ 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن سۇلتان ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. 16 - ئەسىردە، ئىسپانىيەنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرۈپ، ئۇزاق ۋاقىت مۇستەقىللىكىنى ساقلاپ كەلگەن.