Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇلەيماننىڭ ساياھىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەرەب يازغۇچىسىنىڭ جۇڭگو، ھىندىستان ۋە جەنۇبتىكى دېڭىز ياقىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئەڭ بالدۇر يازغان ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇئەللىپنىڭ ئىسمى چۈشۈپ قالغان. فرانسىيە ئالىمىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، 1 - جىلد 851 - يىلى يېزىلىپ بولغان. سودىگەر سۇلەيماننىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەنلىكتىن ئەسەر نامى شۇنداق ئاتالغان؛ 2 - جىلد 916 - يىلى يېزىلىپ بولغان. بۇنى سودىگەر ئەبۇ سەييىد ھەسەن يازغان. بۇ كىتابتا جۇڭگو، ھىندىستان ۋە جەنۇبتىكى دېڭىز ياقىسى دۆلەتلىرىنىڭ جۇغراپىيىسى، ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيەت تۇرمۇشى، سودا - تىجارىتى، سىياسىي - دىنى قاتارلىقلار تەپسىلىي بايان قىلىنىپ، ساياھەت خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. جۈملىدىن جۇڭگولۇقلارنىڭ چاي ئىچىش ئادىتى، ساپال قاچىلارنى ياسىشى، چاڭئەن مەنزىرىسى، دېھقانلار قوزغىلىڭى، پادىشاھ بىلەن ئەرەب ئەلچىسىنىڭ سۆھبىتى قاتارلىقلار شۇ يەردىكى ئەرەب سودىگەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن يېزىلغان. شۇڭا ئەسەردە بايان قىلىنغان ۋەقەلەر ۋە يىللار خېلى ئىشەنچلىك بولۇپ، ئەسەر تارىخىي ماتېرىيالللىق قىممىتىگە ئىگە. بۇ كىتابنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى 1673 - يىلى سۈرىيىتىدىكى قەدىمىي شەھەر ھەلەبتە تېپىلغان. فرانسىيىلىك ئالىم رېنولدىد 1718 - يىلى تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپاغا تارقىتىلغان. كېيىن كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئەسەر ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى. 1983 - يىلى قايتا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى.