Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇللىي
دۇنيا تارىخى
(1560 - 1641) فرانسىيە كورۇلى ھېنرىي Ⅳنىڭ ۋەزىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پروتىستانت خۇگېنوت ئۇرۇشى داۋامىدا ھېنرىينى قوللاپ، خرىستىئان دىنىي ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغان. كېيىن ھېنرىي خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلغان. 1598 - يىلدىن باشلاپ مالىيە ۋەزىرى بولغان. دۆلەت خەزىنىسى كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، بىۋاستە باجنى كېمەيتىپ، ۋاستىلىك باجنى كېڭەيتكەن ھەمدە يېزا ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش، قاتناش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كويىدابولغان. ھېنرىي Ⅳ سۈيقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن، 1611 - يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى بار.