Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇلۇ شاھى مەقبەرىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنىدىكى سۇلۇ دۆلىتى (ھازىر فىلىپېننىڭ بىر قىسمى) نىڭ شاھى بەدە - قەبەھالنىڭ مەقبەرەسى بولۇپ، ئورنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجۇ شەھىرىدىكى بېييىڭ مەھەللىسىدە. خاتىرىلەردىن قارىغاندا، 1417 -يىلى 8 - ئايدا سۇلۇنىڭ شەرقى شاھى غەرب شاھى، ئاكا - ئۇكىلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولۇپ 340 نەچچە ئادەمنى باشلاپ جۇڭگوغا دوستانە زىيارەتكە كەلگەن ھەم سوۋغات سۇنغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى نەنجىڭدا ئۇلارنى تەنتەنىلىك كۈتۈۋالغان ھەمدە نۇرغۇن سوۋغات بەرگەن. شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئۇلار دۆلىتىگە قاراپ يولغا چىققان. كېمىلەر دېجۇغا كەلگەندە پادىشاھ جىددىي ئاغرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن. جۇڭگو پادىشاھى ئۇنى ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە دەپنە قىلدۇرغان ھەم ئۇنىڭغا مەقبەرە ياساتقان. مەقبەرەنىڭ ئۇلى جەنۇبتىن شىمالغا 77 مېتىر، شەرقتىن غەربكە 50 مېتىر قىلىنىپ ئۈستىگە 4.2 مېتىر توپا ئېلىنىپ، گۈمبەز قىلىنغان. مەقبەرەنىڭ ئىككى چېتىگە تاشتىن ياسالغان ئات، قوي، يولۋاس، شىر قاتارلىقلار ئورنىتىلغان. غەربىي پادىشاھ ھەمراھلىرى بىلەن دۆلىتىگە قايتىپ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. خانىش، 2 _، 3_ شاھزادىلەر بىلەن 10 نەچچە ئادەم دېجۇدا قالغان. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى « ۋېن »، « ئەن » فامىلىلىرىنى قوللىنىپ، جۇڭگودىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن. 1731 _ يىلى سۇلۇ دۆلىتىنىڭ سۇلتانى جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىپ سۇنۇپ، دېجۇدىكى سۇلۇلىقلار ئەۋلادلىرىنىڭ جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئۆتۈشىنى تەستىقلاتقان. بۈگۈنكى « ۋېن »، « ئەن » فامىلىلىكلەر سۇلۇ پادىشاھىنىڭ 16 _، 19_ ئەۋلادلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن بۇ مەقبەرە يەتتە قېتىم رېمونت قىلىندۇ. مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئاسار ئەتىقىلەر قاتارىغا كىرگۈزالدى.