Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇلىت
دۇنيا تارىخى
(1769 - 1851) فرانسىيە مارشالى. ھەربىي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان.1794 - يىلى 6 - ئايدىكى فلېئۇرۇس جېڭىدە خىزمەت كۆرسىتىپ گېنېراللىققا كۆتۈرۈلگەن.1804 - يىلى فرانسىيە مارشالى ئۇنۋانى بېرىلگەن. 1805 - 1807 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۇلم، ئۇستېرلىتىس، يېنا، ئېلائۇ قاتارلىق جايلاردىكى جەڭلەرگە قاتنىشىپ،دالماتسىيە گېرتسوگى قىلىپ تەيىنلەنگەن. 1808 - يىلنىڭ ئاخىرى ئىسپانىيەدىكى يېرىم ئارال ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئەنگلىيە قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. بىرىنچى بوربون خاندانلىقى تىرىلگەندە خان جەمەتىگە ساداقەتلىك بىلدۈرگەن. يۈز كۈنلۈك خاندانلىق مەزگىلىدە ناپولېوننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، باش شتاب باشلىقى بولغان. ئىككىنچى بوربون خاندانلىقى تىرىلىش مەزگىلىنىڭ باشلرىدا سۈرگۈن قىلىنغان، 1819 - يىلى كەچۈرۈم قىلىنغان. ئىيۇل خاندانلىقى مەزگىلىدە ئۈچ نۆۋەت مىنىستىرلار كابېنتى باش ۋەزىرى (1832 - 1834، 1839 - 1840، 1840 - 1847) بولغان ھەمدە گېنېراللىسسىمۇسلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئۈچ توملۇق <ئەسلىمىلەر> ناملىق ئەسىرى بار.