Uyghurئاساسىي لۇغەت
سېنتەبر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىل 12 ئاينىڭ توققۇزىنچىسىنىڭ نامى.
سېنتەبرنىڭ ئىنگلىزچىسى September بولۇپ، بۇ Septem دىن كەلگەن. بۇنىڭ مەنىسى يەتتىنچى، يەنى يەتتىنچى ئاي ئىكەن. قەدىمكى رىمنىڭ يىلنامىسىدا ئەسلىدە بىر يىل ئون ئاي بولغان، كېيىن ئىككى ئاي قوشۇپ 12 ئاي قىلىنغان. كېيىن قوشۇلغان ئىككى ئاي يىلنىڭ باش تەرىپىگە قوشۇلۇپ 1 -، 2 - ئاي قىلىنغان، بۇرۇنقى ئايلار ئۆز تەرتىپى بويىچە كەينىگە سۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن 7 - ئاي 9 - ئاي بولغان.
9 - ئاي كىچىك ئاي؛ 30 كۈنلۈك.
10 - سېنتەبر جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى.
9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مېكسىكىنىڭ دۆلەت بايرىمى.
1825 - يىل 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى دۇنيا بويىچە تۇنجى پويىز قاتنىغان.
9 - ئاينىڭ 21 - 22 - كۈنلىرى كۈن - تۈن تەڭلىشىدۇ، ئۇندىن كېيىن تۈن ئۇزىراپ، كۈن قىسقىراپ بارىدۇ.