Uyghurئاساسىي لۇغەت
سېنتۇرىيە يىغىنى
دۇنيا تارىخى
يەنى <يۈز كىشلىك ئۆمەك يىغىنى>. قەدىمكى رىمدىكى گراژدانلار يىغىنلىرىنىڭ بىرى. ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى سېرۋىئۇس تۇللىئۇس ئىسلاھاتى مەزگىلىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەربىي ئېھتىياج بويىچە جەمئىي 193 سىنتۇرىيە (يۈز كىشلىك ئۆمەك) قۇرۇلۇپ، گراژدانلار مال -مۈلۈك سالاھىيىتى بويىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا رىتسارلار، بەش تەبىقە ۋە دەرىجە سىرتىدىكى يوقسۇللار (پرولېتارىيات)غا بۆلۈنگەن، ھەرقايسى تەبىقىلەردىن ئوخشاش بولمىغان ساندىكى يۈز كىشلىك سېنتورىيىلەرنىڭ قاتنىشىشى بەلگىلىنىپ، رىتسار تەبىقىسىدىن 18 سىنتورىيە، بىرىنچى تەبىقىدىن 80 سىنتورىيە، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى تەبىقىلەرنىڭ ھەرقايسىسىدىن 20 سىنتورىيە، بەشىنچى تەبىقىدىن 30 سىنتورىيە، دەرىجە سىرتىدىكىلەردىن بەش سىنتورىيە ( قول سانائەتچىلەردىنئىككى سىنتورىيە، كانايچى ۋە دۇمباقچىلاردىن ئىككى سىنتورىيە، پرولېتارلاردىن بىر ئۆمەك). جەمئىي 193 سىنتورىيە بولغان. قارار ماقۇللىغان چاغدا ھەربىر سنتورىيە بىرلا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، رىتسارلار ۋە بىرىنچى تەبىقىدىكى بايلار ئۇنىڭدا مۇتلەق كۆپ سانلىق (98 سىنتورىيە) ئورۇننى تۇتقان. بۇ يىغىن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا، مەسىلەن: قانۇن، ئەمىر - پەرمانلارنى ماقۇللاش، ئۇرۇش ۋە تىنچلىقنى بەلگىلەش، كونسۇللارنى سايلاش قاتارلىقلارغا قوقۇقلۇق بولغان؛ رىم جۇمھۇرىيتى دەۋرىدە ھەربىي ھەرىكەتلەردە مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. سىنتۇرىيە يىغىنى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى كۇرىيە يىغىنى (چوڭ ئۇرۇق يىغىنى) تەدرىجىي ھالدا ئۆز رولىنى يوقاتقان. مىلادىدىن 230 يىل ئىلگىرى (تەخمىنەن گائىئۇس فلامىنىئۇس ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان چاغدا، يەنە بىر ئېيتىلىشىچە مىلادىدىن 241يىل ئىلگىرى سېنزور كېتا بىلەن بۇتىئو يولغا قويغان) سېنتۇرىيە يىغىنى بىرقېتىم ئىسلاھ قىلىنغان، ئېيتىلىشىچە شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى تەبىقىلەرنىڭ يىغىندىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ئاساسەن تەڭ - باراۋەر بولغان، جەمئىي 373 سېنتۇرىيە بولۇپ، بىرىنچى تەبىقە ئۇنىڭ ئىچىدىن پەقەت 88 نىلا ئىگىلەپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولمىغان. قارىلىشىچە، بۇ پۇقرالار كۈچىنىڭ ئاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.