Uyghurئاساسىي لۇغەت
سېن سىمون
دۇنيا تارىخى
(1760 - 1825) فرانسىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزمچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان.1783 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. 1789 - يىلى ئىنقىلاب پارتلىغاندا، ئىنقىلابنى قوللاپ، ئاقسۆڭەكلىك ئۇنۋانىدىن ۋاز كەچكەن.كېيىن سىياسىي كۈرەشتىن ئايرىلىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنىيەتلىك بولىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئۆتمۈشتە ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدە؛ ھەر بىر دەۋرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى بەلگىلەيدۇ؛ قۇللۇق تۈزۈمى، ئىلاھىيەت - فېئوداللىق تۈزۈمى ۋە ھازىرقى ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ ھەرقاندىقى ۋاقىتلىق، بۇلارنىڭ ئورنىنى ھامان ئەقىلغە مۇۋاپىق بولغان سودا - سانائەت تۈزۈمى ئىگىلەيدۇ؛ كەلگۈسىدىكى سودا - سانائەت تۈزۈمى شارائىتىدا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك يوقىتىلمايدۇ، ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك ھادىسىلىرىمۇ تولۇق بىكار قىلىنمايدۇ، بەلكى دۆلەت ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ پىلانلىق ھەمكارلىشىشى تۈزۈمىنى يولغاقويۇپ، جىسمانىي ۋە ئەقلىي ئەمگەك مەجبورىيەت تۈزۈمى ھەمدە ئىقتىدار دەرىجە تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈپ،ئادەمنى باشقۇرۇشنى نەرسىنى باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان سىنىپنىڭ ئەڭ زور مەنپەئىتىنى كۆزلەيدۇ، دەپ قارىغان. جەمئىيەت ئىسلاھاتىنى ئاممىۋى زورلۇق كۈچ ۋاستىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، سودا - سانائەتچىلەر پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، يېڭى تۈزۈمنىتىنچلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك دەپ قارىغان ھەمدە ھەر خىل ئەقىدە ۋە دىنىي قائىدە - يوسۇنلارنى ساقلاپ قالغان يېڭى خرىستىئان دىنىنى تەشۋىق قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <جەنۋەلىك بىر كىشىنىڭ ھازىرقى زامان ئادەملىرىگە يازغانخېتى>، <سودا - سانائەت تۈزۈمى ھەققىدە>، <يېڭى خرىستىئان دىنى> قاتارلىقلار بار. بۇلار كېيىن 47 توملۇق <سېن - سىمون ۋە ئالفانتىن ئەسەرلىرى>گە كىرگۈزۈلگەن.