Uyghurئاساسىي لۇغەت
سېنارىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
1 . تىياتىردا قويۇلىدىغان دراماتىك ئەسەرنىڭ پىلانى. سۇژېت سخېمىسى. ئوپېرادىكى دراماتىك ھەرىكەتنىڭ تەسۋىرى، بالېتتا سۇژېتنىڭ ھەممە ئۇسسۇل قاتارلىق نومۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل بايان.
2 . پېيىسە (سەھنە ئەسىرى) دە رول ئالغۇچىلارنىڭ سەھىنىگە چىقىرىش پەيتى ۋە تەرتىپى كۆرسىتىلگەن يوليورۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىنو - تىياتىرلاردا ئاساس قىلىنىدىغان بەدىئىي ئەسەر.
«سېنارىيە» كىنوغا خاس.
زۇنۇن قادىر «غۇنچەم» قاتارلىق بىر نەچچە سەھنە ئەسىرىنىڭ ئاپتورى. «كۈرەش يولى» پىيېسىسى قايتا - قايتا تۈزىتىلدى. «نەسىرىدىن ئەپەندى» كىنو سېنارىيىسى فىلىمگە ئېلىنىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<ئىتالىيانچە
كىنوچىلىقتا فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن ئاساس بولىدىغان بەدىئىي ئەسەر.
كىنو سېنارىيىسى.