Uyghurئاساسىي لۇغەت
سېن
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سەن.
تۈركلەر « سەن» دەيدۇ. كەنچەك تىلىدا سۆزلەر كۆپىنچە كەسىرلىك قىلىپ ئېيتىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە ئېنىقسىزلىق بار.
يۇقىرى چىنغىچە بولغان قەبىلىلەر - چىگىل، ياغما، توخسى تىللىرىدا سۆزلەر كۆپىنچە زەممىلىك قىلىپ ئېيتىلىدۇ. رۇمغىچە بولغان جايلاردىكى ئوغۇز، قىپچاق، سۇۋارلارنىڭ تىللىرىدا بولسا، فەتھىلىك قىلىپ ئېيتىلىدۇ. بۇ تۈركلەرنىڭ تۆگىنى «ت _ t» ھەرپىنى كەسىرلىك قىلىپ « تېۋە»، ئوغۇزلار ۋە يۇقىرىدا ئېيتىلغان قەبىلىلەرنىڭ فەتھە بىلەن « تەۋە» دېگىنىگە ئوخشاش. تۈركلەر «د _ d» ھەرپىنى كەسىرلىك قىلىپ « باردىم _ باردىم» دەيدۇ. بۇ قائىدىگە مۇۋاپىق. ئوغۇز ۋە باشقىلار بولسا، «د _ d» ھەرپىنى فەتھىلىك قىلىپ « باردىم _ باردىم» دەيدۇ. بۇ قائىدىگە خىلاپ. ئارغۇلار ئۆتكەن زامان پېئىللىرىدا «د _ d» ھەرپىنى زەممىلىك قىلىپ، « كەلدۈم _ كەلدىم»، « باردۇم _ باردىم» دەيدۇ. بۇ قائىدىدىن تېخىمۇ يىراق. قەبىلىلەر ئارىسىدىكى پەرق مانا شۇ.
كەنچەكچە.
3 - 190