Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىيىقچە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
نېپىز يېيىلغان خېمىرنى مەخسۇس ئەسۋاب بىلەن قىيىپ، ياغقا سېلىپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىك.
بىز ھېيىتتا قىيىقچە پىشۇردۇق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بۇرجەكلىك كېسىپ، قىيىپ باشقا سالىدىغان، بەلگە باغلايدىغان ياغلىق.
قىيىقچە باغلىماق. * قىيىقچە ياغلىق سالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
«قىيىقچەⅠ » نى قىيىدىغان سايمان.
قىيىقچە يوق، قىيىقچە سالالمىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىر خىل يېمەكلىك. تۇخۇم ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇلغان خېمىر نوغۇچتا يېيىلىپ، چىش چىقىرىپ كېسىلگەندىن كېيىن يۆگىلىپ مايدا پىشۇرۇلىدۇ ۋە ئۈستىگە شېكەر سېپىلىدۇ.
قىيىقچە سالماق. قىيىقچە پىشۇرماق.
شۇ يېمەكلىكنىڭ خېمىرىنى كېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب. ئادەتتە ھەرە چىشلىق دۈگىلەك مېتالغا ساپ بېكىتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.