Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىينىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىيىن - قىستاققا ئالماق، قاتتىق ئازابلىماق.
دەرد قىينىغان كىشى دورا ئىزدەر. قىستىغانغا بوي بەرمگەندىلا، يېڭىشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
جىسمانىي،روھىي جەھەتتىن ئازابلىماق؛ ئازاب - ئوقۇبەتكە يولۇقتۇرماق.
- بۇ قانداق گەپ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئادىمىمىزنى قىيناپ يېرىم جان قىلىپ قويۇپتۇ، - دېدى ئۇ چىشىنى غۇچۇرلىتىپ.
قىيىن ئەھۋالغا قويماق، قىيىنچىلىق تۇغدۇرماق، جاپا سالماق.
ئۇنى ئاچلىقتىنمۇ بەتتەر ھارغىنلىق قىينىغانىدى.