Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىيىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
تەرسا، گاج.
قىيىق بالا. * بالام قىيىق بولماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت(«قىي»غا سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «ق»قوشۇلغان) .
قىيىن، قىرقىپ ياسالغان.
قىيىق كۆڭلەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان، ئىدىيىدە قاتمال.
جاھىلغا يول تاپار دائىم ئاقىل، ئەمما ئاڭا بەرھەم بېرىدۇ جاھىل. كاجنى بازار ئوڭلايدۇ، ساراڭنى مازار. تەرساغا گەپ ئۆتمەس، تاشقا مىخ. قىرسىقنىڭ كۈلكىسىمۇ قىرسىق. قىيىق قېرىسىمۇ پەيلىدىن يانمايدۇ. تەتۈرگە پۈتتۈرۈپ كەل دېسەڭ، بۇزۇپ كېلىدۇ. تەتۈرنىڭ خەتەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياغاچنى قىرىش، رەختنى كېسىشتىن چىققان كېرەكسىز نەرسىلەر،
«قىرىندى» ياغاچنى قىرغاندىن چىققان.
«قىيىق» رەخنى كەسكەندىن چىققان.
«كېسىك» ياغاچ، تۆمۈر ۋە باشقا نەرسىلەرنى كەسكەندىن چىققان.
«پۇرۇچ» تېرىنى پىچقان، كەسكەندىن چىققان.
قىرىندىن قىزغانغانغا قارا. قىيىقتىن قۇراق چىقسا ئەجەب ئەمەس. كېسىك كېرەكلىك بولۇپ قالىدۇ. پۇرۇچتىن پوستەك چىقىپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىيىق، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق.
قىيىق كىشى _ قىيىق كىشى، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدىغان كىشى.
3 - 229
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىيىق.
قىيپاش بولغان ھەر قانداق نەرسە. مەسىلەن: قىيپاش كېسىلگەن قەلەمنىڭ ئۇچى ۋە باشقىلارغا ئوخشاش.
3 - 229
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قىيىق، قىيىلغان، ئەگرى؛ قىيسىق، قىڭغىر،مايماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
كەپسىز، جاھىل، كاج.
قىيىق بالا. قىيىق مىجەز.
ئۇ ناھايىتى قىيىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. يانتۇ، قىيپاش، قىيسىق.
بۇ رەخت قىيىق كېسىلىپ قاپتۇ.
قىيىلغان، قىيىلغان ھالەتتىكى.
قىيىق كۆڭلەك