Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىينالماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<قىينىماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
ئۇ بۇ قېتىم دۈشمەنلەر تەرىپىدىن قاتتىق قىينالدى.
<قىينىماق> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
كېسەل قىينىلىپ نەپەس ئالاتتى.
مەلۇم بىر جەھەتتىن قىسىلماق؛ مۇھتاجلىق، قىيىنچىلىق ھېس قىلماق.
ئاڭلىسام ئاسىيەنىڭ ئۇنى شاڭخەيگە ئاپىرىپ داۋالاتقۇسى بار ئىكەن. بىراق ئىقتىسادتىن قىينىلىۋېتىپتۇ.