Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىيىقچا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەلگە كىيىمنىڭ ئۈستىدىن باغلايدىغان، رەختتىن، چىگىدىن ياسالغان بۇيۇم.
«بەلباغ» ، «پوتا» رەختتىن قىلىندۇ، ئۇزۇن بولىدۇ.
«چاكانياغلىق» ، «قىيىقچا» تۆت چاسا بولىدۇ، گۈل - كەشتە بېسىلىدۇ.
«قۇر» ، «قوشاق» چىگىدىن قىلىنىدۇ.
يولدا تېپىۋالغان بەلباغ يولدا چۈشۈپ قالىدۇ. يېتىمنىڭ ئاتىسى يوق، بېلىدە پوتىسى يوق. ئاقسۇنىڭ يولى باغلىق، بېلىمدە چاكانياغلىق، مەن كۆيسەم ساڭا كۆيدۈم، سېنىڭ كۆيگىنىڭ چاغلىق. قىيىقچىنى قىڭغىر باغلاپ، قىز كۆرگىلى بارغان زاڭنى كۆر. قۇرباغلىغىن بېلىڭگە، خىزمەت قىلغىن ئېلىڭگە. قوشاق باغلىغاننىڭ قوشاقچى بولۇشى ناتايىن.
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئاق شېكەر
70 گرام، تۇخۇم تۆت دانە، ئەبجەش ياغ ئىككى كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، چۈچۈتكەن سۇ يېغى 70 گرام.
. بىر قاچىغا تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇنىڭغا ياغ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ داستىكى ئۇنغا قۇيۇپ چىڭ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. خېمىر تىنغاندىن كېيىن نېپىز يېيىپ، قىيىقچا بىلەن خېمىرنى ئايلاندۇرۇپ كېسىپ ئىككى سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۇزۇنچاق، چىشلىق قىيىقچا تەييارلىنىدۇ.
قازانغا ئەبجەش ياغ قۇيۇپ 6 دەرىجە قىزىتىپ، كېسىلگەن قىيىقچىنى بىر - بىرىنى ئۇزۇنراق قىلىپ قولغا چىرايلىق ئوراپ يۆگەپ، ياغقا سېلىپ چۇۋۇۋەتمەستىن سارغايتىپ پىشۇرۇپ، ۋازىغا تىزىپ، قىزىق ۋاقتىدا ئۈستىگە ئاق شېكەر سېپىلىدۇ.
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئاق شېكەر 70 گرام، تۇخۇم تۆت دانە، ئەبجەش ياغ ئىككى كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، چۈچۈتكەن سۇ يېغى 70 گرام.
1. بىر قاچىغا تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇنىڭغا ياغ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ داستىكى ئۇنغا قۇيۇپ چىڭ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. خېمىر تىنغاندىن كېيىن نېپىز يېيىپ، قىيىقچا بىلەن خېمىرنى ئايلاندۇرۇپ كېسىپ، ئىككى سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۇزۇنچاق، چىشلىق قىيىقچا تەييارلىنىدۇ.
قازانغا ئەبجەش ياغ قۇيۇپ 6 دەرىجە قىزىتىپ، كېسىلگەن قىيىقچىنى بىر - بىرىنى ئۇزۇنراق قىلىپ قولغا چىرايلىق ئوراپ يۆگەپ، ياغقا سېلىپ چۇۋۇۋەتمەستىن سارغايتىپ پىشۇرۇپ، ۋازىغا تىزىپ، قىزىق ۋاقتىدا ئۈستىگە ئاق شېكەر سېپىلىدۇ.