Uyghurئاساسىي لۇغەت
پالۋان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلۈك كىشى، جەسۇر.
«گاڭگۇڭ» خەنزۇچە: 光棍儿 . ئەسلى مەنىسى: بويتاق.
يۈگۈنسىز ئاتنى پالۋان مىنەر سادىر پالۋان _ مىللىي قەھرىمان. گەپ ساتىدىغان يۈز پوچىدىن، ئىش قىلىدىغان بىر نوچى ئەلا. سېيىت نوچى ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئاپارغان. ئابدۇل گاڭگۇڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلۈك، بەقۇۋۋەت، جەسۇر؛ باتۇر كىشى.
يۈگەنسىز ئاتنى پالۋان مىنسۇن (ماقال).
سۈپ. جەڭدە، چېلىشتا زور كۈچ كۆرسىتىپ باتۇر دەپ ئاتالغان.
پالۋان يىگىت.
سۈپ. قارىغا ئېتىشقا، چەنلەشكە ماھىر؛ مەرگەن.
خوجىنىياز پالۋان ياقۇپ ياساۋۇلنى قوغلىدى. ئۇ قېچىپ كېتىۋېتىپ، ھە دەپ ئوق چىقىراتتى.