Uyghurئاساسىي لۇغەت
پالېرمو تاش ئويمىچىلىقى
دۇنيا تارىخى
مىسىردىكى ئەڭ قەدىمكى يىلنامە ئويۇلغان ئابىدە تاش (يىللار خاتىرىسى). ھازىر ئۇنىڭ پارچىلىرى ئىتالىيىدىكى سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ مەركىزىي پالېرمو مۇزېيىدا ساقلانماقتا، ئابىدىگە رەتلىك قىلىپ تەسۋىرىي يېزىق ئويۇلغان بولۇپ، دەسلەپكى سۇلالىدىن تارتىپ تاكى بەشىنچى سۇلالىگىچە بولغان (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅩⅤ ئەسىرگىچە) فىرئەۋىنلەرنىڭ ئىسىملىكى ھەمدە فرىئەۋىنلەرنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى (يۇقىرى - تۆۋەن مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشلىرى، نۇبىيە ۋە فىنىكلارغا قىلىنغان ھەربىي يۈرۈشلەر) خاتىرىلەنگەن بولۇپ، قەدىمكى مىسىر دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى تارىخنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.