Uyghurئاساسىي لۇغەت
پالېئولوگۇس خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى (1261 - 1453)، پالېئولوگۇس جەمەتىدىكى مىخائىل Ⅷ قۇرغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدەچوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، 1342 - 1349-يىللىرىدىكى زىلوت قوزغىلىڭىنى باستۇرغان؛ ۋېنتسىيىلىكلەر بىلەن گېنويەلىكلەرگە كەڭ تۈردە سودا ئىمتىيازى بېرىپ، بۇ دۆلەتنىڭ سودا - سانائەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان؛ فېئوداللارنىڭ ئىچكى نىزالىرى يەنە دۆلەت كۈچىنى ئاجىزلىتىۋەتكەن. 1453-يىلى، تۈركىيىلىكلەر كونىستانتىنىپۇلنى ئىگىلەپ، ۋىزانتىيە ئىمپرىيىسنى يوقاتقان. ئاساسلىق پادىشاھلار ھەمدە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى: مىخائىل 8 (1261 - 1282)، ئاندرونىكوس Ⅱ (1282 - 1328)، يوھان Ⅵ (كانتا كۇزېنې، 1347 - 1355)، ماننۇئېل 2 (1425 -1391 ، كونىستانتىن Ⅺ )1449 - 1453(.