Uyghurئاساسىي لۇغەت
پالېئونتولوگىيە
بىئولوگىيە
قەدىمكى جانلىقلارنىڭ يەر قاتلىمىدىكى تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جانلىقلارنىڭ گېئولوگىيىلىك دەۋرلەدىكى تەرەققىيات تارىخىنى چۈشەندۈرىدۇ، گېئولوگىيىلىك قەۋەتلەرنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپى ۋە يەر شارى تارىخىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى ئېنىقلايدۇ، گېئولوگىك تارىختىكى سۇ بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ ئايرىلىشى ۋە كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشاى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پالېئونتولوگىيە تەتقىق قىلىدىغان ئوبيېكتقا ئاساسەن پالېئوبوتانىكا (گېئولوگىيىلىك تارىختىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى، مورفولوگىيىسى، تۈزۈلۈشى، يەر قاتلىمىدىكى جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى ھەمدە ئۆزگىرىپ بېرىش مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن)، پالېئوزوئولوگىيە (يەر قاتلىمىدىكى ھايۋانلارنىڭ تۈرى، مورفولوگىيىسى، تۈزۈلۈشى، تارقىلىشى ۋە ئۆزگىرىپ بېرىش مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن). مىكرو تەنلىكلەر پالېئونتولوگىيىسى (مىكرو تەنلىك قەدىمكى جانلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن)، پالىنولوگىيە (قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سپورا ۋە گۈل چېڭىنىڭ مورفولوگىيىسى، تاكسونومىيىسى، بىرىكىشى، ئۆزگىرىپ بېرىشى ھەمدە گېئولوگىيىلىك تارىخ ۋە جۇغراپىيىلىك تارقلىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن)، پالېئوئانتروپولوگىيە (ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن) قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە، گرېكچە
بىئولوگىيە
گېئولوگىيىلىك تارىخىي دەۋرلەردىكى جانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش، تۈرلەرگە بۆلۈنۈش، ئۆزگىرىش ۋە تارقىلىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم. ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى جانلىقلارنىڭ يەر قاتلاملىرىدا، ساقلىنىپ قالغان ئىز، جەسەتلىرى ۋە تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرىدىن ئىبارەت.