Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پالېرمو تاش ئويمىچىلىقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى帕勒莫石
pà lè mò shí
مىسىردىكى ئەڭ قەدىمكى يىلنامە ئويۇلغان ئابىدە تاش (يىللار خاتىرىسى). ھازىر ئۇنىڭ پارچىلىرى ئىتالىيىدىكى سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ مەركىزىي پالېرمو مۇزېيىدا ساقلانماقتا، ئابىدىگە رەتلىك قىلىپ تەسۋىرىي يېزىق ئويۇلغان بولۇپ، دەسلەپكى سۇلالىدىن تارتىپ تاكى بەشىنچى سۇلالىگىچە بولغان (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅩⅤ ئەسىرگىچە) فىرئەۋىنلەرنىڭ ئىسىملىكى ھەمدە فرىئەۋىنلەرنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى (يۇقىرى - تۆۋەن مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشلىرى، نۇبىيە ۋە فىنىكلارغا قىلىنغان ھەربىي يۈرۈشلەر) خاتىرىلەنگەن بولۇپ، قەدىمكى مىسىر دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى تارىخىى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.