Uyghurئاساسىي لۇغەت
پالمېرستون
دۇنيا تارىخى
يەنى <巴麦斯顿>.
دۇنيا تارىخى
(1784 - 1865) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1855 - 1858، 1859 - 1865) كېمبرىجدىكى سېن جون ئىنستېتۇتىدا ئوقۇغان. دەسلەپتە تورى پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ، 1807-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1808-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1808-يىلدىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيە مۇئاۋىن ۋەزىرى، ھەربىي ئىشلاr ۋەزىرى بولغان. كېيىن خويگ پارتىيىسىگە كىرگەن. 1830-يىلدىن باشلاپ ئۈچ قېتىم تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1834 - 1830 -، 1835 - 1841، 1845 - 1851) بولغان. 1855 - 1852-يىللىرى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. كېيىن لىبېراللار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە ئىچكى جەھەتتە مۇتەسسىپ سىياسەتنى يولغا قويغان. تاشقى جەھەتتە بېلگىيە - ئىسپانىيە قاتارلىق جايلاردىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرنى قوللىغان؛ ئىككى قېتىم جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىدىغان ئەپيۇن ئۇرۇشىنى قوزغىغان ۋە تەيپىڭ تەينەنگو ئىنقىلابىنى باستۇرغان؛ ھىندىستاندىكى مىللىي چوڭ قوزغىلاڭ (1857 - 1859) نى باستۇرغان؛ قىرىم ئۇرۇشى (1853 - 1856) نى قوزغاپ، روسىيە بىلەن تۈركىيە قاتارلىق رايونلارنى تالاشقان؛ ئامېرىكىدىكى جەنۇب - شىمال ئۇرۇشى مەزگىلى (1861 - 1865) دە جەنۇبتىكى قۇلدارلارنىڭ كۈچلىرىنى پائال قوللىغان.