Uyghurئاساسىي لۇغەت
پالما
دۇنيا تارىخى
(1833 - 1919) پېرۇلۇق ئالى ۋە يازغۇچى. ياش ۋاقتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. ھەربىي پارخوت بوغالتىرى ۋە دېڭىز ئارمىيە سوتىنىڭ كاتىپى بولغان. سىياسىي كۈرەشكە قاتناشقانلىقتىن، 1860 - 1863 - يىللىرى چىلىغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن ئاخبارات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1868-يىلى پېرۇ زۇڭتۇڭىنىڭ كاتىپى بولغان ھەمدە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1884 - 1912 - يىللىرى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تۇرغاندا، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان كىتابلارنى قايتىدىن رەتلەپ - تۈزۈشكە زور كۈچ چىقارغان ھەمدە 1887 - يىلى پېرۇ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنى قۇرغان. 1872 - 1906 - يىللىرى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق دەۋرى ئاساسىي ۋەقەلىك قىلىنغان ئون توملۇق <پېرۇ رىۋايەتلىرى> نى ئېلان قىلغان. لىرىكىلىق ئەسەرلىرىدىن <شېئىرلار توپلىمى>، تارىخ ئەسەرلىرىدىن <لىما دىنىي سوتىنىڭ يىلنامىسى>، <لىما كۇتۇپخانىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى> ۋە تىلشۇناسلىق ئەسەرلىرىدىن <يېڭى سۆز - ئىبارە ۋە ئامېرىكا قىتئەسى مەسلىكى> قاتارلىقلار بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<ئىنگلىزچە
بوتانىكا
پالما ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. غولى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ شاخلانمايدۇ؛ يوپۇرمىقى چوڭ، ئۇزۇن ساپاقلىق، ئالىقانسىمان چوڭقۇر يېرىلغان، ياپراقلىرى تۆمۈنە شەكلىدە كېلىدۇ؛ گۈلى سېرىق، ئاتىلىق، ئانىلىقلىرى ئايرىم تۈپتە بولىدۇ؛ ئۈچكىلىك مېۋىسى ئۇزۇن ۋە يۇمىلاق كېلىدۇ؛ ياغىچىدىن سايمان ياساشقا بولىدۇ.