Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېخمىر
دۇنيا تارىخى
كېخمىرلار ھازىرقى كامبودژىدا قۇرغان دۆلەت. ئەسلى ۋونامنىڭ شىمالىدىكى بېقىندى دۆلەت. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ۋونامنى يېڭىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن يېرىنى ئىشغال قىلغان. تەخمىنەن 627 - يىلى ئىساناسېنا (611 - 635 - يىللىرى تەختتە تۇرغان) ۋونامنى مەغلۇپ قىلىپ، كامبودژىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، ئىسانا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇب، شىمال دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن: شىمالىي قۇرۇقلۇقتىكى كېخمىر دەپ ئاتالغان؛ جەنۇبىي سۇدىكى كېخمىر دەپ ئاتالغان. كېيىن سىرىۋىجيىنىڭ سەيلېندرا سۇلالىسىگە تەۋە بولغان. تەخمىنەن 802 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلگەن، ئاڭكور رايونىنى پايتەخت قىلغان، تارىختا ئاڭكور سۇلالىسى دەپ ئاتالغان. سورياۋارمان Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (1002 - 1050) سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، غەربتە مېنام دەرياسى ۋادىسىدىكى بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرغان، تەسىر دائىرىسى شىمالدا لۇئاڭ پراباڭغىچە، جەنۇبتا مالاي يېرىم ئارىلىغىچە يەتكەن، سورياۋارمان Ⅱ جاۋارمان Ⅶ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (1113 - 1150، 1181 - 1219)، دۆلەت ئەڭ روناق تاپقان. شەرقتىكى قوشىنىسى چامپا - پۇرا بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان، 1203 - يىلى ئۇنى يۇتۇۋېلىپ، ئوتتۇرا جەنۇب يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېرىيە بولۇپ قالغان. Ⅷ ئەسىردە، سىيام باش كۆتۈرۈپ كېخمىرنىڭ كۈچلۈك رەقىبى بولۇپ قالغان. 1431 - يىلى ئاڭكورنى سىيام ئىشغال قىلىۋالغان. 1434 - يىلى پايتەختىنى فىنومپېنغا كۆچۈرگەن، كېيىن دۆلەت ئەھۋالى خارابلىشىپ، 1594 - يىلى سىيام تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 17 -ئەسىردىن باشلاپ كامبودژا دەپ ئاتالغان. كېخمېرلار براخما دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. كېيىن ھىنايانا بۇددا دىنمۇ ئەۋج ئالغان. ئاڭكور سۇلالىسى دەۋرىدە، مەدەنىيەت - سەنئەت تەرەققى تاپقان، داڭلىق ئاڭكور سەنئىتى ئىجاد قىلىنغان. كېخمىر جۇڭگو بىلەن ئۇزاق ۋاقىت دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن، Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كەلدى - باردى قويۇق بولغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، جۇداگۈەن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى بىلەن بىللە كېخمىرغا بارغان، ئۇ يازغان <كېخمىرنىڭ تەبىئىي شارائىتى ھەققىدە خاتىرە> دېگەن كىتاب كامبودژىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك تارىخىي ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.