Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كېخمىر
دائىرە: دۇنيا تارىخى真腊
zhēn là
كېخمىرلار ھازىرقى كامبودژىدا قۇرغان دۆلەت. ئەسلى ۋونامنىڭ شىمالىدىكى بېقىندى دۆلەت. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ۋونامنى يېڭىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن يېرىنى ئىشغال قىلغان. تەخمىنەن 627 - يىلى ئىساناسېنا (611 - 635 - يىللىرى تەختتە تۇرغان) ۋونامنى مەغلۇپ قىلىپ، كامبودژىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، ئىسانا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇب، شىمال دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن: شىمالىي قۇرۇقلۇقتىكى كېخمىر دەپ ئاتالغان؛ جەنۇبىي سۇدىكى كېخمىر دەپ ئاتالغان. كېيىن سىرىۋىجيىنىڭ سەيلېندرا سۇلالىسىگە تەۋە بولغان. تەخمىنەن 802 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلگەن، ئاڭكور رايونىنى پايتەخت قىلغان، تارىختا ئاڭكور سۇلالىسى دەپ ئاتالغان. سورياۋارمان Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (1002 - 1050) سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، غەربتە مېنام دەرياسى ۋادىسىدىكى بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرغان، تەسىر دائىرىسى شىمالدا لۇئاڭ پراباڭغىچە، جەنۇبتا مالاي يېرىم ئارىلىغىچە يەتكەن، سورياۋارمان Ⅱ جاۋارمان Ⅶ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (1113 - 1150، 1181 - 1219)، دۆلەت ئەڭ روناق تاپقان. شەرقتىكى قوشىنىسى چامپا - پۇرا بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان، 1203 - يىلى ئۇنى يۇتۇۋېلىپ، ئوتتۇرا جەنۇب يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېرىيە بولۇپ قالغان. Ⅷ ئەسىردە، سىيام باش كۆتۈرۈپ كېخمىرنىڭ كۈچلۈك رەقىبى بولۇپ قالغان. 1431 - يىلى ئاڭكورنى سىيام ئىشغال قىلىۋالغان. 1434 - يىلى پايتەختىنى فىنومپېنغا كۆچۈرگەن، كېيىن دۆلەت ئەھۋالى خارابلىشىپ، 1594 - يىلى سىيام تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ⅦⅩ ئەسىردىن باشلاپ كامبودژا دەپ ئاتالغان. كېخمېرلار براخما دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. كېيىن ھىنايانا بۇددا دىنمۇ ئەۋج ئالغان. ئاڭكور سۇلالىسى دەۋرىدە، مەدەنىيەت - سەنئەت تەرەققى تاپقان، داڭلىق ئاڭكور سەنئىتى ئىجاد قىلىنغان. كېخمىر جۇڭگو بىلەن ئۇزاق ۋاقىت دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن، Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ⅤⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كەلدى - باردى قويۇق بولغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، جۇداگۈەن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى بىلەن بىللە كېخمىرغا بارغان، ئۇ يازغان <كېخمىرنىڭ تەبىئىي شارائىتى ھەققىدە خاتىرە> دېگەن كىتاب كامبودژىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك تارىخىي ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.