Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېدىر دەرىخى
بىئولوگىيە
قارىغاي ئائىلىسىگە كىرىدۇ، دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ، قوۋزىقى قېنىق كۈل رەڭ بولۇپ، رەتسىز تەڭگىچىلەرگە يېرىلىدۇ، ئۇزۇن - قىسقا شاخقا ئايرىلىدۇ، يوپۇرمىقى تۆكۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن يوپۇرماق تەگلىكى تومپىيىپ چىقىپ قالىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن شاختا نۇرسىمان يېيىلىدۇ، قىسقا شاختا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، يىڭنىسىمان، قاتتىق، ئۈچ قىرلىق، ئالدى ۋە كەينى يۈزىدە ھاۋا تۆشۈكچە سىزىقى بولىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتىكى ئوخشاش بولمىغان قىسقا شاخنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ. ئاتىلىق شارچە گۈلى ئۇزۇن تۇخۇمسىمان، ئانىلىق شارچە گۈلى تۇخۇمسىمان بولىدۇ. شارچە مېۋىسى تىك ئۆسىدۇ؛ ئۇرۇق تەڭگىچىسى ياغاچلاشقان، كەڭ بولۇپ، زىچ تىزىلىدۇ، تەڭگىچە قىرىدا تىۋىت تۈك بولىدۇ، ئورىغۇچى تەڭگىچىسى قىسقا كىچىك كېلىدۇ. ئۇرۇقى ئۈچ بۇلۇڭغا يېقىن شەكىلدە، ئۇرۇق قانىتى كەڭ بولىدۇ. پىشقاندا ئۇرۇق تەڭگىچىسى بىەلن ئۇرۇق بىرۋاقىتتا تۆكۈلىدۇ. شىزاڭنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا تارقىلىدۇ، بېيجىڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇرۇقى تەركىبىدە 25 پىرسەنت ماي بولۇپ، سانائەتكە ئىشلىتىلىدۇ؛ ياغىچىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ ئۇزۇن چىدايدۇ، ئاق چۈمۈلىگە تاقابىل تۇرالايدۇ، قۇرۇلۇش، كېمىسازلىق ۋە ئۆي جاھازلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يېشىل تۇرىدۇ، دەرەخ قىياپىتى كۆركەم بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق كۆكەرتىش دەرىخى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.