Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېرەكسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېرەك قىلىنمايدىغان، ئىشلىتىلمەيدىغان، كېرەككە كەلمەيدىغان.
كېرەكسىز نەرسە ئەرزان بولىسمۇ قىممەت. بۇ قەغەزنىڭ ئەمدى كېرىكى يوق. دوستىلار ئارا تەكەللۇپنىڭ لازىمى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
كېرىكى يوق، ئېھتىياجلىق ئەمەس، ئارتۇقچە.
كېرەكسىز نەرسە ئەرزان بولسىمۇ قىممەت (ماقال).
ئىشلىتىپ كېرەكتىن چىققان، كېرەككە كەلمەيدىغان، بۇزۇلغان، تاشلاندۇق.
كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش پونكىتى. كېرەكسىز قەغەزلەرنى سېتىش.
توختى قولىدىكى كېرەكسىز ئۈشكىلەرنى بىر يەرگە دۆۋىلىدى - دە، ئۇدۇلىدىكى تۇرئاخۇنغا قاراپ قويدى.