Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېداشىناناگا
دۇنيا تارىخى
(1534 - 1582) ياپونىيەنىڭ ئاتوجىياماشەن مەزگىلىدىكى بىر فېئودال خوجىدار. ئوۋارى (ھازىرقى ئايچى نھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىي)دا تۇغۇلغان. 1546 - يىلى مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلغاندا، ئۆز جەمەتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1560 - يىلى ئوۋارى رايونىنى تىنچىتقان. شۇ يىلى ئوكېسا ئارىلىقىدىكى جەڭدە مورىكا (ھازىرقى شىجىئوكا ناھىيىسىنىڭ شەرقىي) تۆرىسى ئوكىمېي تاۋايىتونى يەڭگەن. 1562 - يىلى توكوكا ۋاكاتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ مىنو (ھازىرقى كىفۇ ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى) غا كېڭەيگەن. 1567 - يىلى سافوجىشانى يوقىتىپ، پېناچى شەھىرىنىڭ ئىسمىنى كىفۇغا ئۆزگەرتىپ، شۇ جاينى بازا قىلغان. ئىككىنچى يىلى ئاشىكا گويوشىئاكېنى ھىمايە قىلىش نامى بىلەن كيوتوغا بېسىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ سىياگونلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي يېشو كېداشىناغا قارشى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىسيان كۆتۈرگەنلىكتىن 1573 - يىلى يېشو سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن موروماچى شوگونلۇقىغا خاتىمە بېرىلگەن. بۇ ئارىلىقتا كيوسې ئەتراپىدىكى ئوكىمېيغا قەدەممۇقەدەم ھۇجۇم قىلغان؛ 1570 - يىلى چىيكا ۋاكو بىلەن ئاسامېيجىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى يەڭگەن. 1573 - يىلى ئاسانى يوقىتىپ، چىيكانى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مەجبورلىغان ھەمدە روھانىي كۈچلەرگە داۋاملىق زەربە بەرگەن. 1575 - يىلى تاكېدانى يەڭگەن. 1576 - يىلى ئومو (ھازىرقى شىگا ناھىيىسى) غا يېقىن جايدا ئاتو شەھىرىنى قۇرۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تالىشىشنىڭ بازىسى قىلغان. 1578 - يىلى ئوپوچاشىن ئۆلگەندىن كېيىن ئوپو جەمەتىنىڭ چېدىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇناكا (ھازىرقى فوكۇيى ناھيىسى) غا ھۇجۇم قىلغان. 1580 - يىلى ئوساكادىكى خونيو ئىبادەتخانىسىنى قورشىۋېلىپ ئۆزىگە بويسۇندۇرغان. ئىبادەتخانا كۈچىلىرىگە ياردەم بەرگەن مۇرىخويىنغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۈچۈن 1577 - يىلى خاششىجى (يەنى توچيوشىجى)نى ئوكاياماغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن؛ خاششىجى ئارمىيىسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 1582 - يىلى قوشۇن باشلاپ ئاتو شەھىرىدىن يولغا چىققان، لېكىن كيوتودىكى خوننى ئىبادەتخانىسىغا كەلگەندە قول ئاستىدىكى ئادىمى مېيجىموشىنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە گومرۇكلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كىچىك فېئوداللار ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ بازاردىكى ئىمتىيازىنى بىكار قىلغان، شەھەرنى كېڭەيتىپ، ئەركىن سودىنى رىغبەتلەندۈرگەن، لېكىن بەزى سودىگەرلەر پۇل ئىئانە قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن بازارلارنى ۋەيران قىلغان. ئىبادەتخانا كۈچىلىرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن كاتولىك دىنىنىڭ تارقىلىشىغا يول قويغان. ئۇنڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەمەلىيەتتە يوچىيوشىجىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە زومىگەر بولۇشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن.