Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېداھ
دۇنيا تارىخى
مالايادىكى قەدىمكى دۆلەت. مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كېدا رايونىغا جايلاشقان. مىلادى Ⅳ ئەسىردە ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. سودا ئىشلىرى راۋاج تاپقان بولۇپ غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا يولى بولغان. تاڭ سۇلالىسى يۇڭخوي يىللىرى (650 - 655) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. تاڭ سۇلالىسىدىكى راھىب يىجىڭ زىيارەت ئۈچۈن ھىندىستانغا بارغاندا شۇ يەر ئارقىلىق بېرىپ كەلگەن. 15 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مالاككا دۆلىتى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ئىسلام دىنى كىرگۈزۈلگەن. 17 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى سۇماترادىكى ئاتجې دۆلىتىگە بويسۇنغان، 1821 - 1909 - يىللىرى سىيام (ھازىرقى تايلاند) قا تەۋە بولغان، 1909 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان.