Uyghurئاساسىي لۇغەت
كار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىش، ھەرىكەت:
تەسىر؛ زەخمەت:
1. ئۇلۇس كارىنى ئېئتىدال ئەيلەدىم،
كېچە ئۆتكەن ئىشنى خىيال ئەيلەدىم.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. ئاتتى مىژگان ئوقلارىن ئىككى قاراقچى كۆزلەرى،
بولدى بۇ جىسىم زەئىف باغرىمغا ئۇ كا ئەيلەگەچ.
نەۋبەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىش، خىزمەت، يۇمۇش، كەسپ، ھەرىكەت؛ پايدا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ئىشلەيدىغان، مەلۇم كۆلەم ۋە سىستېمىغا ئىگە، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت.
<ئىش> ئەڭ ئومۇمىي.
<يۇمۇش>، <ئىشكۈچ>، <كار> ئادەتتىكى، شەخسكە دائىر ئومۇمىي ئىشقا قارىتىلىدۇ، كۆپىنچە ئېغىز تىلىدا ئىشلىتىلىدۇ.
<خىزمەت>، <ۋەزىپە> ئۆ
ئىش بار يەردە ئاش بار. ئىشى يوقنىڭ ئېشى يوق، ئېشى يوقنىڭ كارى يوق. كارى يوقنىڭ جېنى يوق. كارىڭ بولمىسۇ. يۇمۇش تەننى ھاردۇرغىنى بىلەن، كۆڭۈلنى شاد قىلىدۇ. ھېچبىر ئىشكۈچ يوق، بىكار يۈرۈشتىن ئېغىر ئىش يوق. ھەركىم بىر مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم. خىزمەت چاقچاقنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئالغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاش قەرز. ئادەمنىڭ بۇرچى ھەقىقەت ئىزدەش. بۇرچىنى ئادا قىلمىغان كىشى - ساينىڭ تېشى. ھەر ئەمەلنىڭ بىر ۋاقتى، ھەر ۋاقىتنىڭ بىر ئەمىلى بار. ئەمەلى يوق سوپىدىن تۇخۇم تۇغىدىغان توخۇ ياخشى.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ئىش. كارغا چىقماق - ئىشقا چىقماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئىش.
كارغا كەلمەك. كاردىن چىقماق.
مۇناسىۋەت، چاتاق.
ھە 4 - خوتتا چۈشسەم، نېمە بوپتۇ؟ سېنىڭ كارىڭ نېمە؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
ئادەم كېكىرگەندە چىقىدىغان ئاۋاز.
ئادەم بار يەردە <كار> قىلىپ كېكىرىش ئەدەپتىن ئەمەس.