Uyghurئاساسىي لۇغەت
كارائىسكاكىس
دۇنيا تارىخى
(1780 - 1827) گېرتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ قوماندانى. 1821 - يىلدىكى گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ باشلىرىدا قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، گرېتسىيىنىڭ غەربىي قىسمىدا تۈركىيە قوشۇنلىرىغا زەربە بەرگەن. 1825 - 1826 - يىللىرى تۈركىيىنىڭ ئارقا سېپىدە تۇرۇپ مېسولۇنگىئون شەھىرىدە قورشاۋدا قالغان گرېك قوشۇنىغا قومدانلىق قىلغان. 1826 - يىلى يۇناننىڭ قورۇقلۇق رايونى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا ئاراخوف ئۇرۇشىدا تۈركىيە قوشۇنىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، گرېتسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى ئازاد قىلغان. كېيىن يەنە ئاكروپولدا قورشاۋدا قالغان تۈركىيە قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، جەڭدە قۇربان بولغان.