Uyghurئاساسىي لۇغەت
كادېش جېڭى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىر بىلەن ھېتت پادىشاھلىقىنىڭ سۈرىيە رايونىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىش جېڭى. مىلادىدىن ئىلگىرى 14 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى مىسىر فىرئەۋىنى رامسېس Ⅱ بىلەن ھېتت پادىشاھى مۇۋاتتالىس ئورونىتېس دەرياسى بويىدىكى كادىش (بۈگۈنكى سۈرىيىدە) شەھىرىدە ئۇرۇشقان. فىرئەۋىن دۈشمەننى سەل چاغلىغانلىقتىن ئەسىرگە چۈشۈپ قالغىلى تاس قېلىپ، مىسىرغا چېكىنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتقا سوزۇلغان. مىسىر پۇختا ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللانغان بولسىمۇ، يەنىلا غەلىبە قىلالمىغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 1296 يىل ئىلگىرى (ياكى مىلادىدىن 1280 يىل ئىلگىرى) مىسىر قوشۇنلىرى يەنە بىرقېتىم ئالغا ئىلگىرلىگەن، بۇ چاغدا ھېتت پادىشاھلىقىدا دەل تەخت تالىشىش كۈرىشى بولۇۋاتقانلىقتىن، ئاخىرى تەختكە يېڭى ئولتۇرغان ھېتت پادىشاھى ھاتتۇسىلىس بىلەن رامىسېس Ⅱ سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن. شەرتنامىدە: تىنچلىق ئورنىتىپ، ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق، ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈش، ئۆز ئارا قارشى تەرەپكە قېچىپ كەتكەن جىنايەتچىلەرنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ بېرىش، سۈرىيەنىڭ شىمالىي زېمىنى ھېتت پادىشاھلىقىغا تەۋە بولۇش، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇشبۇ سۈلھ شەرتنامىسى تارىختا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ بالدۇرقى خەلقئارالىق شەرتنامە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.