Uyghurئاساسىي لۇغەت
كادىرى دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
پانجالۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن Ⅺ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدا شەرقىي ياۋادىكى ماتارام پادىشاھلىقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، غەربىي كادىرى دۆلىتى، شەرقىي جاڭگالا دۆلىتى دەپ ئاتالغان. كادىرى دۆلىتى داخانى پايتەخت قىلغانلىقتىن، داخا دۆلىتى دەپمۇ ئاتالغان. 12 - ئەسىرنىڭ بېشىدا جاڭگالانى يۇتۇۋالغان. كېيىن دېڭىز ئارمىيسىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، بارى، كىچىك زوند تاقىم ئاراللىرى، كالىمانتاننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى ۋە سۇلاۋىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنى كونترول قىلغان. ئەرەب ئەللىرى بىلەن خۇش پۇراق ماتېرىياللار سودىسى قىلىپ، ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ھىندى دىنىنىڭ سىۋا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. مەدەنىيىتى گۈللەنگەن بولۇپ، ياۋا تىلىدىكى ئەدەبىيات راۋاج تېپىپ، داڭلىق داستان <پولودو ئۇرۇشى> بارلىققا كەلگەن، يەنە بەزى ئابىدە يېزىقى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. 1222 - يىلى سىڭخاسارى دۆلىتى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان.