Uyghurئاساسىي لۇغەت
كادىس پارلامېنتى
دۇنيا تارىخى
ئىسپانىيىدە 1814 - 1808 - يىللاردىكى ئىنقىلابتا چاقىرىلغان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى. 1810 - يىلى 9 - ئايدا، لېئون ئارىلىدا چاقىرىلغان. ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا كادىسقا يۆتكىگەنلىكتىن، تارىختا كادىس پارلامېنتى دەپ ئاتالغان. 1812 - يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم يولغا قويۇلىدىغانلىقى جاكارلانغان ھەمدە فېئودالىزمغا قارشى بىر قاتار ئەمىر - پەرمارنلار ئېلان قىلىنغان، بۇلار: مېتىروپولىيە ئاھالىلىرى بىلەن مۇستەملىكىلەر ئاھالىلىرى باراۋەر بولۇش، سۆز، مەتبۇئات ئەركىنلىكى بولۇش؛ خوجا ھوقۇقى، ئۆشرە - زاكات، مەھكىمە شەرئىي ۋە كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنى بىكار قىلىش؛ چېركاۋلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە سېتىش؛ ئىسپانىيە ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئەركىنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئېلان قىلىنغان. 1813 - يىلى 9 - ئايدا يېپىلغان. ئىككىنچى يىلى فېرناندو Ⅶ مۇنارخىيىنى تىرىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئىسلاھات پەرمانلىرى ۋە 1812 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ كۈچتىن قالغانلىقى جاكارلانغان.