Uyghurئاساسىي لۇغەت
كادموس
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى تېبىس (يۇنانىستاندىكى قەدىمكى شەھەر) شەھىرىنىڭ قۇرغۇچىسى. فىنكىيە پادىشاھى ئاگېنور بىلەن تېلىفخاسسانىڭ ئوغلى، ياۋرۇپانىڭ ئاكىسى، ياۋروپا زېۋىس تەرىپىدىن كرېت ئارىلىغا ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن،ئاگېنور كادموسقا سىڭلىسىنى تېپىپ كىلىشنى، ئەگەر تاپالمىسا يېنىپ كەلمەسلىكنى بۇيرۇغان. كادموس سىرتتا ئۇزۇن زامان ئىزدىگەن بولسىمۇ، ھېچبىر ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان، كېيىن دېلفىننىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، بىر ئىنەككە ئەگىشپ ئوتتۇرا يۇناندىكى بېئوتىيىگە كەلگەن. بۇ يەردە ئۇ بىر ئەجدىھا (ئۇرۇش خۇداسى ئارېسنىڭ ئوغلى)نى ئۆلتۈرگەن ھەمدە ئافىنانىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئەجدىھانىڭ چىشىنى يەرگە كۆمگەن، ئۇنىڭدىن قوراللانغان جەڭچىلەر ئۇتۇپ چىققان، بۇ جەڭچىلەر ئۆز - ئارا قىرغىن قىلىشىپ، ئۇلاردىن ئاران بەش كىشى قالغان. كادموس بۇ جەڭچىلەر بىلەن بىرلىكتە شۇ يەرگە بىر يېڭى شەھەر سېلىپ، ئۇنىڭغا تېبېس دەپ ئاتا قويغان. ئەنە شۇلار رىۋايەتلەردىكى تېبېسلىقلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىكەن. فىنكلەرنىڭ تېبېس شەھىرىنى قۇرغانلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەت، فىنكىيە مەدەنىيىتىنىڭ (جۈملىدىن فىنكىيە يېزىقىنىڭ) يۇنانغا بولغان تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. <كادموس>، فىنكىيە تىلىدا بولۇپ، <شەرقلىك> دېگەنلىك بولىدۇ