Uyghurئاساسىي لۇغەت
جۈپ ئاسما مېۋە
بىئولوگىيە
يېپىق مېۋىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئىككى ئانىلىق ياپراقچىسىدىن تۈزۈلگەن ئۇرۇقداننىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئىككى خانىلىق بولۇپ ھەر بىر خانىسىدە بىر تالدىن ئۇرۇق بولىدۇ، پىشقاندا ئانىلىق ياپرىقى ئوتتۇرا ئوقتىن ئايرىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ، ئوتتۇرا ئوقنىڭ ئۇچىدا ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، ئۇرۇقى يېرىلمايدىغان مېۋە پوستىنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ. بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە ئالاھىدە بولىدۇ. مەسىلەن، سەۋزە، كەرەپشە، ئارپا بەدىيان قاتارلىقلارنىڭ مېۋىسى.