Uyghurئاساسىي لۇغەت
جۈپلەشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىككى نەرسە بىر - بىرىگە تېگىشمەك؛ جۈپ ھالىتىگە كەلمەك.
جۈپتەكنىڭ قىسقۇچلىرى ئېگىلىپ كەتكەچكە، ياخشى جۈپلەشمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.
جۈپى بىلەن بىر يەردە بولماق، قوشۇلماق.
كەپتەر يىلىغا بىر قانچە قېتىم جۈپلىشىپ، بىر قانچە قېتىم تۇخۇم تۇغىدۇ ۋە بالا چىقىرىدۇ.
بىر - بىرىگە تېگشىمەك، قۇچاقلاشماق.
ئۇ دالاندا جۈپلىشىپ قالغان بىر جۈپ گەۋدىنى كۆرۈپ قالدى - دە، توۋلىۋېتىشكە ئاز قالدى.