Uyghurئاساسىي لۇغەت
جۈپ ئۆزگىرىش پەرزى
بىئولوگىيە
ياكى تولغىنىش پەرىزى tRNA ئۈچ بىرلەشمە تەنچىلىك كودنىڭ قوشۇلۇپ كېتىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشتە پايدىلىنىش ۋە tRNA دىكى قارشى كودون بىلەن mRNA دىكى كودوننىڭ ئۆز ئارا پەرق ئېتىپ بىرىككەن ۋاقتىدا ئۈچ دانە نۇكلېئوتىدنىڭ ئىككىسىگە نىسبەتەن قەتئىي مەخسۇسلۇق تەلەپ قىلىندىغانلىقى، ئۈچىنچى نۇكلېئوتىدنىڭ بەلگىلىك ئۆزگىرىشىگە يول قويۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا tRNA نىڭ پەرقلەندۈرىدىغان كودوننىڭ سانى قارشى كودوننىڭ بىرىنچى ئورنىدىكى ئىشقار رادىكالىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە باغلىق بولىدۇ. قارشى كودوننىڭ بىرىنچى ئىشقار رادىكالى G بولىدىغان بولسا، كودون C ياكى U نى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، قارشى كودوننىڭ بىرىنچى ئىشقار رادىكالى U بولغاندا A ياكى G نى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، قارشى كودون I بولغاندا A، U ۋە C لارنى بىردەك پەرقلەندۈرەلەيدۇ. ئۇ A بولىدىغان بولسا، پەقەت U نى، ئوخشاشلا C بولىدىغان بولسا، پەقەت U نى پەرقلەندۈرەلەيدۇ