Uyghurئاساسىي لۇغەت
جۈپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قوش، ئىككى. « تاق » نىڭ تەتۈرى.
بۇ يەردە ئەر _ ئايالنىڭ ۋە ئەركەك _ چىشى ھايۋاننىڭ بىر جۈپلىكىگە ئېيتىلىدۇ.
يالغۇز تۇرساڭ دەردىسەر، جۈپ بولۇپ تۇرساڭ، ئۇنىڭدىن بەتتەر. قۇش جورىسى بىلەن ئۇۋا سالىدۇ. جورىسى يوق نەرسە يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ <مات> ئىككىگە قالدۇقسىز بۆلۈنىدىغان، تاق بولمىغان؛ تاقنىڭ ئەكسى (پۈتۈن سانلار ھەققىدە).
جۈپ سانلار.
دەرد كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق (ماقال).
سۈپ. بىر خىلدىكى ئىككى، قوش.
ئىككى غېرىچتەك ئېگىزلىكتە ئۆسكەن گۈل شېخىدا ئېچىلىشقا تەييار تۇرغان بىر جۈپ غۇنچە يانمۇيان ئېسىلىپ تۇراتتى.
ئى. بىر - بىرىگە ماس، جور، دائىم بىرگە بولىدىغان ياكى بىر ئىش ئۈچۈن بىرلەشكەن ئىككى ئادەم، نەرسە ياكى جانىۋار.
بىر جۈپ كۆك كەپتەر.
ئى. رەپىقە، جورا (بىر - بىرىگە نىسبەتەن).
- ھالال جۈپتۈم ۋىرانى تۇل قىلماقچى، شۇنداق ئەمەسمۇ، مەن بۇ ئۇرۇشقا قارشى!- دېدى خوخۈل گىرىگورى ئەزىمەتكە قاراپ غەزەپ بىلەن.