Uyghurئاساسىي لۇغەت
جۈپ سۆز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى سۆزنىڭ تەڭداش مۇناسىۋەتتە بېرىكىشىدىن ھاسىل بولغان لېسىكىلىق بىرلىك.
قايغۇ _ ھەسرەت؛ پۈتمەس _ تۈگىمەس. دەپتەر _ قەلەم؛ يوتقان _ كۆرپە. ئاق _ قارا؛ ئېگىز _ پەس؛ بېرىش _ كېلىش. بالا _ چاقا؛ قاچا _ قومۇچ. يول _ يول؛ چېكىم _ چېكىم. نان _ پان؛ چاي _ پاي. ئوڭغۇل _ دوڭغۇل؛ ئوڭتەي _ توڭتەي. تارمار؛ بىتچىت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىلشۇناسلىق
ئىككى بۆلەكنىڭ تەڭداش مۇناسىۋەتتە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان لېكسىكىلىق بىرلىك. ئۇلار ياسالما سۆزلەرنىڭ بىر تۈرى، جۈملىدە بىر سۆز ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. <ئاتا - ئانا، ئەگرى - بۈگرى> گە ئوخشاشلار.