Uyghurئاساسىي لۇغەت
جۈپلىشىشنىڭ يېشىلىشى
بىئولوگىيە
ئېلېكترونلار نەپەس زەنجىرى (ئېلېكترون يەتكۈزۈش زەنجىرى) نى بويلاپ ئېقىپ ھەمدە ئېنېرگىيە قويۇپ بەرگەندە، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ئارىلىق ماددا ATP ھاسىل بولىدۇ. مانا بۇ جۈپلىشپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوكسىدلىنىش - فوسفاتلىشىش رولىدۇر. جۈپلىشىشنى يەشكۈچى رىئاكتىپلار ئېلېكترونلارنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى تورمۇزلىمايدۇ ياكى بىۋاستە تورمۇزلاش رولىنى ئوينىمايدۇ، لېكىن ADP دىن ATP نىڭ ھاسىل بولۇشىدىن ئىبارەت فوسفاتلىشىش رېئاكسىيىسىنى تورمۇزلايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئوكسىدلىنىش جەريانىدا ئېلېكترونلار يەتكۈزۈلۈپ، فوسفاتلىشىش رېئاكسىيىسى توسۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. ئۆز ئارا ھەمراھ بولۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خىل ئىككى تەسىر ئارقىلىق ئاجرىتىۋېتىش رولى جۈپلىشىشنى يەشكۈچى بىر خىل رېئاكتىپ. مەسىلەن، 2، 4 - دى نىتروفېنول ئېلېكترونلارنىڭ يەتكۈزۈلۈشىدە ھاسىل بولىدىغان پروتون گرادىئىنتىنى كىچىكلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوكسىگېننىڭ سەرپ قىلىنىش تېزلىكىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلېكترونلارنىڭ يەتكۈزۈلۈشىدىن ھاسىل بولىدىغان يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفاتلىق بىرىكمىلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. يەنە خوندرىئوسومىدىكى ATP نىڭ زور مىقداردا گىدرولىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. باشقا بىر خىل ئىئون توشۇغۇچىلارنىڭ جۈپلىشىشىنى يەشكۈچى رېئاكتىپ دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ۋالىنومىتسىن يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ئۆتكۈنچى ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىنى بۇزىدۇ، لېكىن بىر مۇسىبەت ئىئون K+ نىڭ مەۋجۇت بولۇشى زۆرۈر