Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىن يۇجۇن
دۇنيا تارىخى
(1851 - 1894) چاۋشيەن مۇستەقىللىك پارتىيىسىنىڭ باشلىقى. تەخەللۇسى بۋىن، لەقىمى گوجۇن. چىڭشياڭ ۋىلايىتىنىڭ ئەندۇڭ دېگەن يېرىدىن. جۇڭچىڭ ۋىلايىتى گۇڭجۇ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1872-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يانداش مەنسەپ بېگى، يانداش تۇتۇقبېگى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۇرژۇئا ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېېرىش ئۈچۈن، پياۋ يۇڭشياۋ قاتارلىقلار بىلەن مۇستەقىللىك پارتىيىسىنى (ئارقارتقۇچىلار پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تەشكىللەپ، مەزكۇر پارتىيىگە باشلىق بولغان 1884-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ياپونىيە ئارمىيىسىگە تايىنپ ىياسىي ئۆزگىرىش (جياشېن سىياسىي ئۆزگىرىشى) قوزغىغان ۋە يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن. بۇ ھۆكۈمەت پەقەت ئۈچ كۈنلا پۇت تىرەپ تۇرالىغان، مەغلۇپ بولۇپ، ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1894-يىلى تېرورچى قاتىل خوڭ جۇڭيۇ ئۇنى ياپونىيىدىن جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىگە ئالداپ ئەپكېلىپ شۇ جايدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن.